تۈركىيە مۇشۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئامېرىكاغا 2 مىليارد 965 مىليون 84 مىڭ دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 2 مىليارد 965 مىليون 84 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1973382
تۈركىيە مۇشۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئامېرىكاغا 2 مىليارد 965 مىليون 84 مىڭ دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتى 2023-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئالدىنقى يىل (2022) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %2.5 ئېشىپ، 61 مىليارد 588 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورت يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا 2 مىليارد 965 مىليون 84 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىدىكى ئۈلۈشى %5.46 بولغان.

ئامېرىكاغا بۇ مەزگىلدە، ئەڭ كۆپ خىمىيەلىك مەھسۇلات ۋە بۇيۇملار ئېكسپورت قىلىنغان.

يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدە ئامېرىكاغا 278 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق خىمىيەلىك مەھسۇلات ۋە بۇيۇملار ئېكسپورت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر