ئامېرىكادا باشلانغان بانكا كىرىزىسى كېڭىيىشكە باشلىدى

ئامېرىكادا باشلانغان بانكا كىرىزىسى خەلقئارا ئاكسىيە بازارلىرىدىمۇ كىرىزىس پەيدا قىلىشنى باشلىدى.

1960566
ئامېرىكادا باشلانغان بانكا كىرىزىسى كېڭىيىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋىيېتسارىيەنىڭ «كرېدىت سىۋىس» (Credit Suisse) بانكاسىنىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت بانكاسى، بانكا ئۈچۈن مەبلەغ توپلىيالمايدىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن، كرېدىت سىۋىسنىڭ پاي چېكى باھاسى %25 چۈشۈپ كەتتى. ياۋروپا ئاكسىيە بازارلىرىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ياۋروپانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بانكالىرىنىڭ پاي چېكى باھالىرىنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى. كوممېرز بانكاسى (Commerzbank) 9%، داتچې بانكاسى (Deutsche) 7.8%، بارفليېس (Barclays) بانكاسى %6.6 چۈشۈپ كەتتى.

كرېدىت سىۋىس توغرىسىدىكى ئەندىشەلەرنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن، شىۋىيېتسارىيە مەركىزىي بانكاسى ۋە شىۋىيېتسارىيە پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

كرېدىت سىۋىس شىۋىيېتسارىيە مەركىزىي بانكاسىدىن تەخمىنەن 54 مىليارد دوللار قەرز ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارارنىڭ بانكانىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكادا ئىككى بانكا ۋەيران بولغاندىن كېيىن، مەركىزىي كالىفورنىيەگە جايلاشقان «بىرىنچى جۇمھۇرىيەت» (First Republic) بانكاسىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى چۈشتى.

خەلقئارالىق باھالاش ئورگىنى «S&P» بانكانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىناۋەت دەرىجىسىنى «A-» دىن «BB +» غا چۈشۈردى ، يەنە بىر خەلقئارالىق باھالاش ئورگىنى «Fitch» ئۇنى «A-» دىن «BB» غا چۈشۈردى.

ئىناۋەت دەرىجىسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، بىرىنچى جۇمھۇرىيەت بانكاسىنىڭ پاي چېكىنىڭ قىممىتى %20 دىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر