تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى «توگگ»نىڭ باھاسى ئېلان قىلىندى

مىليونلارچە كىشى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان تۈركىيەنىڭ توكلۇق ماشىنىسى — توگگ (Togg) نىڭ باھاسى ئېلان قىلىندى.

1959709
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى «توگگ»نىڭ باھاسى ئېلان قىلىندى
togg mavi.jpg
togg kirmizi.jpg
togg.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توگگنىڭC كاتېگورىيەسى SUV تىپىنىڭ ئىسمىنىڭ «T10X» ئىكەنلىكى، ئۆلچەملىك مودېلىنىڭ سېتىش باھاسىنىڭ 953 مىڭ لىرا قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىن زاكاز قىلىشنىڭ 16-مارت باشلىنىدىغانلىقى، توگگنى سېتىۋالغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇش رەت تەرتىپىنىڭ چەك تاشلاش ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتقا قارىغاندا، V1 ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن ئۆلچەملىك تىپىنىڭ باھاسى 953 مىڭ لىرا، يېتىپ بېرىش مۇساپىسى ئوخشاش بولسىمۇ، V2 ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن مودېلىنىڭ باھاسى 1 مىليون 55 مىڭ لىرا ئىكەن.

ئۇزۇن مۇساپىلىك باتارېيە سەپلەنگەن V2 ئۈسكۈنىلىك مودېلى 1 مىليون 215 مىڭ لىراغا سېتىلىدىكەن.

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ماشىنىسى توگنىڭ ئۆلچەملىك مودېلىنىڭ يېتىپ بېرىش مەزىلى 314 كىلومېتىر،  يۇقىرى مودېلىنىڭ يېتىپ بېرىش مەنزىلى 523 كىلومېتىر ئىكەن.

T10X مودېلىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار TOGG تور بېكىتى ۋە Trumore ئەپدېتالى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر