سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكادىن 121 ئايروپىلان سېتىۋالىدىغان بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان 37 مىليارد دوللارلىق زاكاس بىلەن ئامېرىكا ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى بويىن شىركىتىدىن 121 ئايروپىلان سېتىۋالىدىغان بولدى.

1959748
سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكادىن 121 ئايروپىلان سېتىۋالىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بويىن شىركىتىدىن «787 Dreamliner» تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقىغا ئائىت يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئالدىنقى ئايدا بويىن شىركىتى ھىندىستان ئاۋىيااتسىيە شىركىتىنىڭ كېڭىيىشىنى قوللاش ئۈچۈن 200 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سېتىپ بېرىش بىلەن تارىختىكى ئىككىنچى چوڭ سودىسىنى تاماملىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ژان پيېر، بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئايروپىلان سېتىش توغرىسىدا ئىككى كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ژان پيېر بويىن شىركىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىككى تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاپ، ئومۇمىي قىممىتى 37 مىليارد دوللارلىق «GENex» موتورى سەپلەنگەن 121 دانە «787 Dreamliner» تىپلىق ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ژان پيېر سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىمنىڭ، تۆت يىللىق ئۇنىۋېرسىتېت دىپلومى تەلەپ قىلمايدىغان جەمئىي 140 مىڭ كىشىلىك خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر