تۈركىيەدىن 54 دۆلەتكە پەمىدۇر ئېكسپورت قىلىندى

2022-يىلى تۈركىيەنىڭ پەمىدۇر ئېكىسپورتى 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %4 ئېشىپ، 377 مىليون 418 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1933835
تۈركىيەدىن 54 دۆلەتكە پەمىدۇر ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئېكسپورتچىلار، رۇمېنىيە، ئۇكرائىنا، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، چېخ، شىۋېيتسارىيە، ئىسپانىيە، قازاقىستان، لاتۋىيە، رۇسىيە، پولشا ۋە مالايشىيا قاتارلىق 54 دۆلەتكە 526 مىڭ 703 توننا پەمىدۇر ساتقان.

بۇلتۇر پەمىدۇردىن دۆلەتكە 377 مىليون 418 مىڭ دوللار ئوبروت قىلغان ئېكسپورتچىلار، 2021-يىلى 362 مىليون 993 مىڭ دوللار بولغان ئېكسپورتنى، 2022-يىلى تەخمىنەن%4 ئاشۇرغان.

تۈركىيە ئەڭ كۆپ پەمىدۇر ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا، رۇمېنىيە بىرىنچى، ئۇكرائىنا ئىككىنچى، بۇلغارىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر