رۇسىيەلىكلەر بىلەن ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋېلىش نىسبىتى ئاشتى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالغان ئۆي-زېمىنلەرنىڭ كۆپىيىشىدە ئىپادىلەندى.

1921382
رۇسىيەلىكلەر بىلەن ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋېلىش نىسبىتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يانۋار ئېيىدىن نويابىرغىچە (2022) بولغان مەزگىلدە تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرگە سېتىلغان ئۆي سانى، ئۆتكەن يىلنىڭ (2022) ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا 10 مىڭ 389 يۈرۈش ئېشىپ 61 مىڭ 741 گە يەتكەن. بۇنىڭدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالغان ئۆي سانى بۇ مەزگىلدە 10 مىڭ 608 يۈرۈش كۆپەيگەن.

24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالغان ئۆي سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى دىققەت قوزغىدى.

رۇسىيەلىكلەر ئۇرۇش باشلانغان فېۋرالدا تۈركىيەدىن 509 يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان. ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆي سېتىش سۈرئىتىمۇ ئاشقان بولۇپ، ئىيۇن ئېيىغا كەلگەندە 1887 يۈرۈشكە چىققان. كېيىنكى ئايلاردا ئۆي سېتىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىل ئاخىرىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن قايتىدىن تېزلەشكەن ۋە نويابىردا 2 مىڭ 575 كە يەتكەن.

ئوخشاش مەزگىلدە، ئۇكرائىنا پۇقرالىرى سېتىۋالغان ئۆي سانىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلگەن. فېۋرالدا ئۇكرائىنالىقلار تۈركىيەدىن 111 يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان. ئىيۇن ئېيىدا بولسا، ئەڭ يۇقىرى سان بولغان 301 يۈرۈشكە يەتكەن. كېيىنكى ئايلاردا دولقۇنسىمان داۋاملاشقان بولۇپ، نويابىردا 277 گە ئۆرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر