ئىران بىلەن رۇسىيە تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران نېفىت مىنىستىرى جەۋاد ئوۋجى رۇسىيە بىلەن تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 4 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.
1904382
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقى نېفىت مىنىستىرى جەۋاد ئوۋجى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېنېرگىيە مەسىلىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ: «تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورت ئۈچۈن ئاققۇزۇش لىنيەلىرى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن 4 مىليار دوللار قىممىتىدە كېلىشىم تۈزدۇق» دېدى.
ئۇ رۇسىيە گازپروم ئېنېرگىي شىركىتى بىلەن 40 مىليارد دوللارلىق دەسلەپكى كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، يەنە بىر رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى ز ن ۋوستوك (ZN Vostok) نىڭ ئىرانغا مەبلەغ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.