رۇسىيە گاز ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

رۇسىيەنىڭ گازپروم ئېنېرگىيە شىركىتى بۇ يىلنىڭ (2022) 10 ئايلىق مەزگىلىدە تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ %42.6 ئازايغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1900719
رۇسىيە گاز ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ يانۋار-ئۆكتەبىر مەزگىلىدە ئۆتكەن يىلنىڭ (2021) ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %42.6، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %18.6 ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.

گازپرومنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، شىركەتنىڭ 10 ئايلىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ (2021) ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %18.6 ئازىيىپ 344 مىليارد كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىگەن. بۇ مەزگىلدە شىركەتنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىن باشقا دۆلەتلەرگە تەبىئىي گاز ئېكسپورتىمۇ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %42.6 ئازىيىپ 91.2 مىليارد كۇب مېتىرغا چۈشكەن.

باياناتتا، ياۋروپادىكى يەر ئاستى تەبىئىي گاز ئىسكىلاتلىرىنىڭ تولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ، قىش پەسلىنى بىخەتەر ھالدا ئۆتكۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، تەبىئىي گازغا بولغان تەلەپنىڭ يىلنىڭ 10 ئېيىدا 40 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 40 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەلەپنىڭ ئازىيىشىدا %95 ھەسسىسىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر