ياپىد: ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلىنىمىز

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يائىر لاپىد، دۆلىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1897203
ياپىد: ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، لاپىد پايتەخت تېل ئاۋىۋدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بارغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن كۆرۈشكەن.

لاپىد ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، لىۋان بىلەن ئىمزالىنىدىغان دېڭىز چېگراسى كېلىشىمىگە ئىشارەت قىلىپ: «پەيشەنبە كۈنى لىۋان بىلەن بىر تارىخىي كېلىشىم ئىمزالايمىز. ئىسرائىلىيە يېقىن كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ ئاساسلىق گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئىچىدە يېشىل ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىككى باش مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، كىلىمات ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

لاپىد، ئىران مەسىلىسى ۋە ئىراندىكى نامايىشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا يەنە، «ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ھەق - ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىران ئاياللىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر