رۇسىيە تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى سىغىمىنى ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1897552
رۇسىيە تۈركىيە رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن روسىيەنىڭ تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈرك ئېقىمى زۆرۈر تېپىلغاندا سىغىمىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، مۇرەسسەچىلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە دۆلىتىمىز بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ، غەربنىڭ ئىمبارگو سىياسەتلىرىگە قېتىلمىدى. بۇ ھەم تۈركىيە خەلقىگە،  ھەم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق» دېدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي گاز يۆتكەش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پېسكوۋ: «كۆپ خىل قىرلىق ھەمكارلىقلار دائىملىق ئالاقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا بىز تۈركىيە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەدە تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر