ياۋروپا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى توك ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، توك ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى قوللىنىلىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

1886612
ياۋروپا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى توك ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى چېخىيەنىڭ چاقىرىقىغا بنائەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان ۋاقىتتا توك ئېھتىياجىنى ئازايتىش تەدبىرلىرى، توك ئىشلەپچىقىرىشتىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ پايدا ئالىدىغان شىركەتلەردىن باج ئېلىش ۋە يېقىلغۇ ساھەسىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئارتۇق پايدىسىدىن ھەمكارلىق پېيى ئېلىش تەكلىپلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەييارلىغان تەكلىپلەر، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن%10 تۆۋەنلىتىشنى، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان ۋاقىتتا توك سەرپىياتىنى مەجبۇرىي %5 تۆۋەنلىتىشنى، قايتا ھاسىل بولىدىغان، يادرو ۋە كۆمۈر مەنبەسىدىن توك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ھەر بىر مېگاۋات سائىتىگە 180 ياۋرولۇق چەك بېكىتىشنى ۋە يېقىلغۇ ساھەسىدىن «ھەمكارلىق پېيى» نامىدا باج يىغىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ جەمئىي 140 مىليارد ياۋرو ئىقتىساد توپلاپ، پۇقرالار ۋە كارخانىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلدى.

مەزكۇر تەكلىپلەرنىڭ ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىدىن ئۈمىد بار.ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى گاز باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر