رۇسىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپانى ساياھەت قىلىشى %95 ئازايغان

رۇسىيە ساياھەت شىركەتلىرى بىرلەشمىسى بۇ يىل (2022) ياز پەسلىدە، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ياۋروپانى ساياھەت قىلىش نىسبىتىنىڭ 2019-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %95-90 ئازايغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1878940
رۇسىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپانى ساياھەت قىلىشى %95 ئازايغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ساياھەت شىركەتلىرى بىرلەشمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 2022-يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 1.2 مىليون رۇسىيەلىكنىڭ ياۋروپانى ساياھەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «2019-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 8 مىليون رۇسىيە پۇقراسى ياۋروپادا ساياھەتتە بولغان ئىدى. بۇ يىل يازدا 2019-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %95-90 ئازايغان بولدى» دېيىلدى.

باياناتتا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ، ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار ۋا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەلىكلەرگە قارىتا يولغا قويغان قاتتىق ۋىزا سىياسىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر