لۇفخانسانىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئىش تاشلاشقا تەييارلاندى

گېرمانىيە لۇفخانسا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ (Lufthansa) ئۇچقۇچىلىرى ئەتە (2022-يىلى 2-سېنتەبىر) مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئىش تاشلايدۇ.

1874556
لۇفخانسانىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئىش تاشلاشقا تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:گېرمانىيە ئۇچقۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋېئاينىگوڭ كوكپىت (Vereinigung Cockpit) ئۇچقۇچىلارنىڭ ئىش تاشلايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولغان لۇفخانسا ئۇچقۇچىلىرىنىڭ«مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى» نى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭ نەتىجىسىز ئاياقلاشقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچقۇچىلارغا ئىش تاشلاش چاقىرىقىنىڭ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىش تاشلاشنىڭ 2-سېنتەبىر (2022) شۇ يەر ۋاقتى 00.01 دىن 23.59 ئۆتكىچە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۇچقۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئىش تاشلاش ئارقىلىق لۇفخانسا ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۈچۈن يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلىشىنى نىشان قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل (2022) ئۈچۈن ئۇچقۇچىلار مائاشىنىڭ %5.5 ئۆستۈرۈلۈشىنى، كېلەر يىلدىن باشلاپ ئاپتوماتىك ھالدا پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسىدە بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مەزگىلىدە توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كەلگەن لۇفخانسانىڭ قايتىدىن تېز ئەسلىگە كېلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەيتلەردە، خىزمەتچىلەرنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ۋە ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىشى ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر