تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (Togg) يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (Togg) يۇمشاق دېتال شىركىتى «Smart_IX» بىلەن سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1873396
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (Togg) يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (Togg) ئىشلەتكۈچىلەر تەجرىبىسى ساھەسىدە سۈنئىي ئىدراكنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇمشاق دېتال شىركىتى «Smart_IX» بىلەن سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل تەشەببۇسى گۇرۇھى (Togg)  نىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەنگەن  ئۇچۇرىدا بۇ ھەقتە، «ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەجرىبىسى ساھەسىدە سۈنئىي ئىدراكنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇمشاق دېتال شىركىتى «@SMART_iX» بىلەن ئورناتقان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىمىز سايىسىدا ھەرىكەتچان ئېكولوگىيىلىك سىستېمىمىزنى كېڭەيتمەكتىمىز. «ئەقلىي تۇرمۇش» مۇلازىمىتىمىزنىڭ بىخەتەر، تېز ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتىمىز» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى(Togg) نىڭ 29-ئۆكتەبىردە زاۋۇتتىن يوللارغا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر