ئالجىرىيەدىن ئىستانبۇلغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى كۆپەيتىلدى

ئالجىرىيەدىن ئىستانبۇلغا قاتنايدىغان ھەپتىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئەسلىدىكى 7 دىن 14 كە چىقىرىلدى.

1866937
ئالجىرىيەدىن ئىستانبۇلغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى كۆپەيتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت ئالجىرىيەدىن باشقا يەنە، ئاننابا، كونستانتىن ۋە ۋاھران (ئوران) قاتارلىق شەھەرلەردىن ئىستانبۇلغا قاتنايدىغان ھەپتىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئەسلىدىكى 7 دىن 14 كە چىقىرىلغان.

بۇ قەدەمنىڭ پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تېببۇننىڭ ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارى دائىرىسىدە تاشلانغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، تۇنىس ۋە قاتارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭمۇ كۆپەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا، ئالجىرىيەدىن پىل چىشى قىرغىقى، بۇركىنا فاسو، نىگېر ۋە مالىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ رەتكە سېلىنىدىغانلىقى ۋە سېنېگالغا قوشۇمچە ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

پىرېزىدېنت ئابدۇلمەجىد تېببۇن 31 - ئىيۇلدىكى باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئالجىرىيەدىكى ئەڭ مۇھىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخىي رىشتىلەرنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر