ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن بۇغداي باھاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ھەل قىلىنىشى بىلەن تەڭ، بۇغداي باھاسى رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان 24 – فېۋرالدىن بۇرۇنقى سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالدى.

1858520
ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن بۇغداي باھاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇغداينىڭ ئامېرىكا چىكاكو ئاكسىيە بىرژىسىدىكى باھاسى يېقىنقى 5 ئاينىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى؛ ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرى بۇغداي باھاسىنى تەخمىنەن %6 تۆۋەنلىتىپ، 7.7 دوللارغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ باھا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆرۈلگەنىدى.

بۇغداي باھاسى ئەمەلىيەتتە يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا پەيدا بولغان ئىجابىي تەرەققىياتلارغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەشكە يۈزلگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما، تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان كېلىشىمدىن كېيىن تۆۋەنلەش رېكورتى بۇزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا تۈركىيە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوتتۇرىسىدا «ئاشلىق ۋە يېمەكلىك ماددىلىرىنى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن بىخەتەر يۆتكەش كېلىشىمى» ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر