ئەرتۇغرۇل غازى پاراخوتى ئۆتكەن بىر يىلدا زور ئۇتۇق قولغا كەلتۈردى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ھەرىكەتچان ھالەتتە زاپاسلاش ۋە گازلاشتۇرۇش پاراخوتى — ئەرتۇغرۇل غازى بىر يىلدا تەخمىنەن 2 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى دۆلەت سىستېمىسىغا يۆتكىدى.

1848117
ئەرتۇغرۇل غازى پاراخوتى ئۆتكەن بىر يىلدا زور ئۇتۇق قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە بايرىقى قادالغان ئەرتۇغرۇل غازى پاراخوتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى فاتىھ دونمەز قاتناشقان بىر مۇراسىم بىلەن مەشغۇلات باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە، ئەرتۇغرۇل غازى، تۈركىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز مۇلازىمەت قىلدى. بۇ مەزگىلدە، 24 قېتىم پاراخوتتىن پاراخوتقا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز يۆتكەلدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەرتۇغرۇل غازى 2 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى دۆلەت سىستېمىسىغا يۆتكىدى. پەقەت ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ 1 يىلدا يۆتكىگەن گازى تۇرالغۇلارنىڭ ئىستانبۇلدا 6 ئايلىق، ئەنقەرەدە 1 يىللىق، ئىزمىردا بولسا، 3 يىللىق ئىستېمالىغا يېتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئەرتۇغرۇل غازى، دۆلىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر