ئېلون ماسك تۋىتتېر مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا مائاش بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت تېسلا (Tesla) ۋە سپېيس ئېكس (SpaceX) نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك (Elon Musk) تۋىتتېرنى سېتىۋېلىش تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان ئەھۋالدا، مۇدىرىيەت ئەزالىرىغا مائاش بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1814637
ئېلون ماسك تۋىتتېر مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا مائاش بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت تېسلا ۋە سپېيس ئېكسنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، تۋىتتېرنى سېتىۋالغان ئەھۋالدا شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا مائاش بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر ئابونىتنىڭ تۋىتتېر مۇدىرىيىتىنى تەنقىد قىلغان ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، تۋىتتېر مۇدىرىيىتىغا بېرىلمەيدىغان مائاشلار بىلەن يىلىغا 3 مىليون دوللار تېجەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا ئۆي-زېمىن ۋە ئاكسىيە سودا كومىتېتى (SEC) غا ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا، تۋىتتېرنىڭ ھەر بىر پايچىكىغا 54.2 دوللار باھا بەرگەن ئىدى.

ئۇ ئىلگىرى تۋىتتېرنىڭ %9.2 پېيىنى سېتىۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر