مارت ئېيىدا تۇرالغۇ سېتىش نىسبىتى رېكورت ياراتتى

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى مارت ئېيىدا مارت ئېيىدا رېكورت بۇزدى.

1812916
مارت ئېيىدا تۇرالغۇ سېتىش نىسبىتى رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى مارت ئېيىدا 2021- يىلىنىڭ  ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %20.6 ئېشىپ، 134 مىڭ 170 گە يېتىپ، تارىخىي رېكورت بۇزۇلدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى (TUIK) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 3- ئايدا 23 مىڭ 974 ئۆي – ماكان سېتىلغان ئىستانبۇل ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ، ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ %17.9 نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن قالسا، 12 مىڭ 609 ئۆي – ماكان سېتىلغان ئەنقەرە ئىككىنچى، 8051 ئۆي – ماكان سېتىلغان ئىزمىر ئۈچىنچى بولغان.

يانۋار – مارت ئايلىرى ئارىلىقىدىكى سېتىلىش مىقدارى %21.7 ئېشىپ، 320 مىڭ 63 گە يەتكەن. ئۆي – ساھەسى ۋەكىللىرى بىردەك، تەمىنلەش تۆۋەن، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئۆي - مۈلۈكنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش قورالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر