تۈركىيە ئۆي جابدۇقلىرى ئېكسپورتىدا ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى
سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك ئۆي جابدۇقلىرى ساھەسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 26 مىليون تاۋار ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
1770400
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا ۋارانك تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۆي جابدۇقلىرى ساھەسىنىڭ 2021-يىلدىكى ئاكتىپ پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار مەلۇمات بېرىپ، «بۇلتۇر تۈركىيەدە 1 مىليون 640 مىڭ قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، 2 مىليون 250 مىڭ توڭلاتقۇ، 2 مىليون 150 مىڭ كىرئالغۇ، 1 مىليون 120 مىڭ چوڭقۇر توڭلاتقۇ، 1 مىليون 70 مىڭ دوخاپكا، 250 مىڭ قۇرۇتقۇچ سېتىلدى. 2021-يىلى 26 مىليون ئۆي جابدۇقلىرى ئېكسپورت قىلىپ، ياۋروپا بويىچە بىرىنچى بولدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.