تۈركىيەنىڭ يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى بۇ يىل %13 ئاشتى
تۈركىيەنىڭ يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %13 ئېشىپ، تەخمىنەن 3 مىليارد 83 مىليون دوللارغا يەتتى.
1759570
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق دېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 2 مىليارد 729 مىليون دوللار بولغان يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2021 -يىلى %13 ئاشقان.
ئۆتكەن يىلى بۇ ساھەنىڭ ئېكسپورتچىلىرى تەخمىنەن 3 مىليارد 83 مىليون دوللارلىق يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
بۇ مەزگىلدە ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %16 ئېشىش بىلەن 1 مىليارد 252 مىليون دوللارلىق مېۋە، %25 ئېشىش بىلەن 875 مىليون 713 مىڭ دوللارلىق كۆكتات ۋە 934 مىليون 891 مىڭ دوللارلىق ئاپلىسىن تۈرى مېۋە ئېكسپورت قىلىنغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.