ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2021 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى %5.2 دىن %9 گە كۆتۈردى.

1732702
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسى، «2021 كۈز پەسىللىك ئىقتىسادىي مۆلچەرلەر» دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ياۋرو رايونى ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %5، 2022 – يىلى %4.3 ۋە 2023 – يىلى %2.5 ئېشىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەن يىلى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارىماي %1.8 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلگەن دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ يىل %9، 2022 ۋە 2023 – يىللىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %4 ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ مۆلچەرلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئىلگىرىكى بىر دوكلاتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %5.2 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەنىدى.

دوكلاتتا، بۇ يىل گېرمانىيەنىڭ %2.7، فىرانسىيەنىڭ %6.5، ئىتالىيەنىڭ %6.2، ئىسپانىيەنىڭ %4.6، گوللاندىيەنىڭ %4، بېلگىيەنىڭ %6، گىرېتسىيەنىڭ %7.1 ۋە ئىرلاندىيەنىڭ %14.6 ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى مۆلچەرىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر