ئامېرىكادا پۇل پاخاللىقى 31 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى

ئامېرىكادىكى پۇل پاخاللىقى 31 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئۆرلەپ، ئەندىشە قوزغىدى.

1732781
ئامېرىكادا پۇل پاخاللىقى 31 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەھلىلچىلەر ئامېرىكادىكى يۇقىرى نىسبەتلىك پۇل پاخاللىقىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تېخىمۇ ئۇزۇنغىچە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئامېرىكا مەركەز بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بالدۇر  ئۆستۈرۈلىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكادا ئېنېرگىيەدىن يېمەكلىككىچە بولغان باھانىڭ تېز ئېشىشى ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنىڭ تۇرمۇش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈردى.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئاساسلانغاندا، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ئۆكتەبىر ئېيىدا %0.9 ۋە  يىللىق نىسبەتتە %6.2 ئۆرلەپ، مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى نامايان بولغان.

بۇ يىللىق پۇل پاخاللىقى 1990-يىلى نويابىردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىگە يەتكەن.

ئامېرىكادا ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر