تۈركىيە ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان دۆلەت بولدى

تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان دۆلەت بولدى.

1732761
تۈركىيە ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان دۆلەت ئىستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە 321 شىركەت قۇرغان تۈركىيە، چەت ئەلدىن مەبلەغ سېلىپ، ئەڭ كۆپ شىركەت قۇرغان دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تۈركىيەدىن قالسا، رۇسىيە 296 شىركەت بىلەن ئىككىنچى، خىتاي 219 شىركەت بىلەن ئۈچىنچى رەتكە تىزىلغان. قازاقىستان  سەرمايىلىك 166 شىركەت،  جەنۇبىي كورېيە سەرمايىلىك  80 شىركەت قۇرۇلغان.

چەت ئەللىك كارخانىچىلار، ئۆزبېكىستاندا بولۇپمۇ  سەھىيە، سانائەت، سودا، ئۇچۇر تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش ۋە دېھقانچىلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سالغان.

1 – نويابىر ئېتىبارى بىلەن، ئۆزبېكىستاندىكى چەت ئەل سەرمايىلىك كارخانىلارنىڭ سانى 13 مىڭ 283 كە يەتكەن، بۇ دائىرىدە، رۇسىيە سەرمايىلىك شىركەتلەرنىڭ سانى 2 مىڭ 335 كە، خىتاي مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ سانى 1942 گە، تۈركىيە سەرمايىلىك كارخانىلارنىڭ سانى 1830 غا، قازاقىستان سەرمايىلىك كارخانىلارنىڭ سانى 1056 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر