تايلاند كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى ئەملەتكەن ساياھەتچىلەرگە دەرۋازىسىنى قايتىدىن ئاچتى

تايلاند 18 ئاي داۋاملاشقان كوۋىد-19 چەكلىمىلىرىدىن كېيىن، 60 تىن ئارتۇق دۆلەت پۇقرالىرىغا دەرۋازىسىنى قايتىدىن ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1727657
تايلاند كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى ئەملەتكەن ساياھەتچىلەرگە دەرۋازىسىنى قايتىدىن ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند دائىرىلىرى 60 تىن ئارتۇق ۋە  خەتەرلىك نىسبىتى تۆۋەن دۆلەتتىن كەلگەن ھەمدە  ۋاكسىنا ئەملەنگەن ساياھەتچىلەرنىڭ مېھمانخانادا كارانتىناغا ئېلىنىشىنى  ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

تايلاندنىڭ سۇۋارناخۇمى خەلقئارا ئايرودرومى ۋە پۇخېت خەلقئارا تېرمىنالىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ زىيارەتچىلەرگە ئىشىكنى ئاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۈگۈن تايلاندقا كىرىشى مۆلچەرلەنگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 30 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

تايلاند نوپۇسۇنىڭ پەقەت %42 نىڭلا ئىككى قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

2022-يىلى تايلاندقا بارىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 15 مىليونغا يېتىدىغانلىقى ۋە 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلىشى مۇمكىنلىكى  تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر