تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) ياۋروپا بويىچە ئىككىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) كۈنىگە 1263 ئايروپىلان ئۇچۇش قېتىم سانى بىلەن ياۋروپا بويىچە ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ باھالاندى.

1706403
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) ياۋروپا بويىچە ئىككىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ ھاۋا قاتناش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 6 - سېنتەبىردىن 12 - سېنتەبىرگىچە، ياۋروپادا 171 مىڭ 701 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچقان.

كوۋىد-19 تەدبىرلىرى دائىرىسىدىكى چەكلىمىلەر ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن ئىرېلاندىيەنىڭ «Ryanair» ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كۈندىلىك 2343 نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىلەن ياۋروپا بويىچە ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بىرىنچى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ئايلانغان.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) بولسا، كۈندىلىك 1263 ئايروپىلان ئۇچۇش قېتىم سانى بىلەن 2-بولغان، «Easyjet» ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كۈندىلىك 1090 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 3-بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر