قىران: تۈركىيە - قىرغىزىستان سودا ھەجىمىنى بىر مىليارد دوللاردىن ئاشۇرىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم قىران، قىرغىزىستان بىلەن بولغان سودا سوممىسىنى بىر مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1671220
قىران:  تۈركىيە - قىرغىزىستان سودا ھەجىمىنى بىر مىليارد دوللاردىن ئاشۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىران ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇبانىچبېك ئۆمۇرالىيېفنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۇنا چوقگۈر ئىلىجاق سەنئەت سارىيىدا، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

قىران بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەپ: تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ، دېدى.

ياۋۇز سەلىم قىران، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «بىز ھەممىمىز ئورتاق قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق، ئىنشائاللاھ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىرغىزىستان بىلەن بىر مىليارد دوللارلىق سودا مىقدارى نىشانىغا يېتىشنى، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلماقتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رەسىم كۆرگەزمىسىگە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن تەكلىپلىك مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر