تۈركىيە مۇشۇ 6 ئاي ئىچىدە قوشنىلىرىغا 9 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى
بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، تۈركىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ئىران، گىرېتسىيە، ئىراق، گرۇزىيە، سۈرىيە ۋە بۇلغارىيەگە قىلغان ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %36.5 ئېشىپ، 9 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا ئېكسپورت سوممىسىنى 105 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %40 ئېشىش رېكورتى ياراتقان تۈركىيە، قوشنىلىرىغا قىلىۋاتقان ئېكسپورتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
تۈركىيە 1-ئايدىن 6-ئايغىچە ئىران، گىرېتسىيە، ئىراق گرۇزىيە، سۈرىيە ۋە بۇلغارىيەگە 9 مىليارد 140 مىليون 56 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى.
بۇ سان ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 6 مىليارد 695 مىليون 978 مىڭ دوللار بولغان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا قىلىنغان ئېكسپورت ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %36.5 ئاشقان بولدى.
تۈركىيەنىڭ 6 ئاي ئىچىدە قوشنىلىرىغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ساھەلەرگە كۆرە تەقسىملىنىشىگە ئاساسلانغاندا، «خىمىيىلىك ماددىلار ۋە مەھسۇلاتلار» ساھەسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ ساھەدىن 6 قوشنا دۆلەتكە 1 مىليارد 546 مىليون 340 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان. بۇ ساھەدىن قالسىلا 1 مىليارد 101 مىليون 876 مىڭ دوللار بىلەن «دان، تاتلىق – تۈرۈم، مايلىق ئۇرۇق ۋە مەھسۇلاتلىرى» ئىككىنچى، ئاندىن 760 مىليون 921 مىڭ دوللار بىلەن «پولات» مەھسۇلاتلىرى ئۈچىنچى بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.