فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قەرز ئالىدۇ
فىرانسىيە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 39 مىليارد 400 مىليون ياۋرو قەرز ئالىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئېلىسې سارىيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پىلان دائىرىسىدە 2026-يىلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 39 مىليارد 400 مىليون ياۋرو قەرز ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ۋون دېر لېيېنمۇ كومىتېتنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ پىلاننىڭ فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى برۇنو لې مايېر، 7-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى قەرزىنىڭ بىرىنچى بۆلۈكى بولغان 5 مىليارد ياۋرونىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، 39 مىليارد 400 مىليون ياۋروسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بىۋاسىتە ئېلىنىدىغان ياردەم پۇلىنى قوشۇلۇپ، جەمئىي 100 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى تەييارلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.