ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە مېكسىكاغا  ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئامىي پوپې، مېكسىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە 57 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1655881
ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە مېكسىكاغا  ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامىي پوپې، مېكسىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە مەجبۇرىي ھالدا ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەمكارلىشىش پائالىيىتىدە، 57 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم توپلانغانلىقىنى، بۇ ياردەمنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە رايون مىقياسىدا كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە سەرپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ ياردەمنىڭ خەلقئارالىق شېرىكلەرنىڭمۇ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەجبۇرىي ھالدا ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان كىشىلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پائالىيەتكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى، ئامېرىكا دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىسپانىيە، گۋاتېمالا ۋە كوستارىكا ھۆكۈمەتلىرى ساھىبخانىلىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر