سالۋادور بىتكوئىننى قانۇنلۇق تۆلەش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى
ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى سالۋادور رەقەملىك پۇل بىرلىكى بىتكوئىننى قانۇنلۇق تۆلەش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى.
1654701
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكېلېنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەسى سالۋادور پارلامېنتىدا 22 گە قارشى 62 بېلەت قوبۇل قىلنغان.
شۇنداق قىلىپ، تۇنجى قېتىم بىر رەقەملىك پۇل بىرلىكى، ھۆكۈمەت ياكى شەخسىي قەرز تۆلەش ياكى مالىيە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولدى.
بۇكېلې، بىتكوئىننىڭ چەت ئەلدە ياشايدىغان سالۋادورلىقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە پۇل ئەۋەتىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.