دۆنمەز: جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىللىقى يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن تاجلىنىدۇ

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىرىنچى سېخىنىڭ رېئاكتور قازانلىرىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېيتتى.

1650926
دۆنمەز: جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىللىقى يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن تاجلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز،  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىرىنچى سېخىنىڭ رېئاكتور قازانلىرىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى تاماملاندى، دۆلىتىمىزنىڭ يېرىم ئەسىرلىك يادرو ئېنېرگىيەسى مۇساپىسىدە 2023 – يىلىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 - يىللىقى يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن تاجلىنىدۇ. خەيرلىك ۋە مۇبارەك بولسۇن!»

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولغان  ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، 4800 مېگاۋاتلىق تۆت رېئاكتوردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

تۇنجى رېئاكتورىنىڭ 2023 – يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا،  يىلىغا تەخمىنەن 35 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك توك ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر