رۇسىيەدە بىر سوت مەھكىمىسى Twitter غا پۇل جازاسى بەردى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك Twitter غا 3 مىليون 200 مىڭ رۇبلى پۇل جازاسى بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى ۋە ئاممىۋى ئالاقە نازارەتچىلىك ئورگىنى (Roskomnadzor) نىڭ Twitter ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى توغرۇلۇق، موسكۋادىكى تاگانسكىي سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلدى.
رۇسىيەدە چەكلەنگەن مەزمۇنلارغا Twitter ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولۇش سەۋەبىدىن شىركەتنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان سوت مەھكىمىسى، Twitter غا 3 مىليون 200 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 42 مىڭ دوللار) پۇل جازاسى بەردى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى ۋە ئاممىۋى ئالاقە نازارەتچىلىك ئورگىنى، 10 – مارت كۈنى چىقارغان قارار ئارقىلىق، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، شەھۋانىيلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى تەشۋىق قىلىدىغان مەزمۇنلار ئۆچۈرۈلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، Twitter نىڭ سۈرئىتىنى يانفۇنلاردا % 50 ئاستىلاتقانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.