تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئېكسپورتى % 20 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئېكىسپورتى% 20 ئېشىپ 27 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1566645
تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئېكسپورتى % 20 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە ئېكسپورتچىلار بىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئېكسپورتى، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 20 ئېشىپ، 23 مىليون 100 مىڭ دوللاردىن 27 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

مىقدارغا ئاساسەن، ئېكسپورت بۇ مەزگىلدە% 13 ئېشىپ، 9 مىڭ 734 توننىدىن 10 مىڭ 951 توننىغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر