تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە كۈنسېرى تەرەققىي قىلماقتا

ياۋروپادىكى شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە 5 – ئورۇنغا ئۆرلىگەن تۈركىيە، بەش قىتئەدىكى 44 دۆلەتكە ئۈسكۈنە ساتماقتا.

1554764
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە كۈنسېرى تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شامال ئېلېكتىر سانائىتى ساھەسىدە بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە ئىككى مىڭ 500 مېگاۋات ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، كوۋىد – 19 يۇقۇمى تۈپەيلى 1200 مېگاۋات سەۋىيەسىگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈركىيە شامال ئېلېكتىر سانائىتى بۇ سىغىمچانلىقى بىلەن توك چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 8.5 پىرسەنتىنى تەمىنلەپ، تەخمىنەن 1 مىليارد دوللارلىق تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي شامال ئېنېرگىيەسى ئىقتىدارىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 10 مىڭ مېگاۋاتقا يېقىنلىشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىش ھەجىمىنىمۇ زورايتماقتا.

تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسى بىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، تۈركىيەدىكى بۇ ساھەدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان 79 شىركەت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 44 دۆلەتكە شامال ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىسى ئېكسپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ سودا سوممىسىنىڭ تەخمىنەن % 70 ىنى ئېكسپورت تۈرى تەشكىل قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر