تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت شىركىتى قۇرىدۇ
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يېڭى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت شىركىتى قۇرۇشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئاممىنى خەۋەرلەندۈرۈش مۇنبىرىغا قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىجرائىيە ھەيئىتى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى % 100 شېرىك بولىدىغان بىر ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت شىركىتى قۇرۇشنى قارارلاشتۇرغان.
ئۇقتۇرۇشتا تەكىتلىنىشىچە، يېڭى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت شىركىتىنىڭ نىشانى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى پائالىيەتلىرىنىڭ جەزبىدارلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، Turkish Cargo شىركىتىنىڭ مىسلىسىز رىقابەت ئەۋزەللىكلىرىدىن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بەھرىمەن بولۇپ، ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئويۇنچىلىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ھەمدە كېلەچەكتە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىستىراتېگىيەلىك خەلقئارالىق شېرىكلەر ئۈچۈنمۇ ئايرىم بىر مۇنبەر شەكىللەندۈرۈش ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.