تۈركىيەنىڭ بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېكسپورت سودىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

تۈركىيە بالقان دۆلەتلىرىگە 10 ئايدا، 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مال ئېكسپورت قىلدى.

1524287
تۈركىيەنىڭ بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېكسپورت سودىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇ يىل 10 ئاي ئىچىدە ئالبانىيە، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا، بۇلغارىيە، كىرودىيە، قاراتاغ ، كوسوۋا، شىمالىي ماكېدونىيە، رۇمىنىيە، سېربىيە، سلوۋېنىيە ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق بالقان دۆلەتلىرىگە 10 مىليارد 213 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغان.

1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، رەت بويىچە رۇمىنىيەگە 3 مىليارد 47 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق، بۇلغارىيەگە 1 مىليارد 991 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق، گىرېتسىيەگە 1 مىليارد 391 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق، سلوۋېنىيەگە 1 مىليارد 261 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىنغان.

ئوخشاش مەزگىلدە، سېربىيەگە 797 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق، ئالبانىيەگە 371 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىناغا 350 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق، شىمالىي ماكېدونىيەگە 320 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق، كىرودىيەگە 318 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق، كوسوۋاغا 280 مىليون دوللارلىق ۋە قاراتاغقا 84 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىنغان.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بارلىق سەلبىي تەسىرىگە قارىماستىن، يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە بالقان دۆلەتلىرىدىن سېربىيە ۋە كوسوۋا بىلەن بولغان ئېكسپورت سودىسىدا  ئېشىش كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر