قىرغىزىستاندا ئىقتىسادىي جىنايەتلەر توغرىسىدا كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى

قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي تىزگىنىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان باش مىنىستىر سادىر جاپاروۋ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئىقتىسادىي جىنايەتلەر توغرىسىدا كەچۈرۈم ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1513424
قىرغىزىستاندا ئىقتىسادىي جىنايەتلەر توغرىسىدا كەچۈرۈم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېقىنقى 30 يىلدا ئېنېرگىيە ، باج ، دورا ، ئىجازەتنامە ، يەر ئاستى بايلىقلىرى، بىلەن باشقا ئىقتىسادىي ۋە ئاممىۋى ساھەلەردە دۆلەت مەمۇرلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى، پايچىكلار ۋە باج ئوغرىلىغان خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ پەقەت  30 كۈن بويىچىلا ئىقتىسادىي كەچۈرۈم قىلىش قارارىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەلۇم قىلىنغان مال – مۈلۈك ۋە كىرىمنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى، مال – مۈلۈك ۋە كىرىمىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك جازادىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

قىرغىزىستاندا 10- ئاينىڭ 4- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازلىق بىلدۈرگەن بىر قىسىم نامايىشچىلار تەرىپىدىن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن جاپاروف، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19)، سايلام ۋە نامايىش پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي زىيان سەۋەبىدىن قىرغىزىستان بۇ يىل تەخمىنەن 600 مىليون دوللار زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر