تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيەنىڭ 20 ياۋروپا دۆلىتىگە قىلغان ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى ئىيۇن ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا ئاشتى.

1468313
تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىيۇن ئېيىدا 5 مىليارد 280 مىليون 745 مىڭ دوللار بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قىلىنغان ئېكسپورت، ئىيۇل ئېيىدا %11.6 ئېشىپ 5 مىليارد 815 مىليون 88 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ ئېكسپورت لىيۇكسېمبۇرگقا قىلىنغان؛ تۈركىيە لىيۇكسېمبۇرگقا ئىيۇن ئېيىدا 2 مىليون 626 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان بولسا، ئىيۇل ئېيىدا بۇ مىقدار %151 ئېشىپ 6 مىليون 593 مىڭ دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر