خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۆلچەردىكىدىنمۇ ناچار
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) باشلىقى كرىستالىنا جېئورجىيېۋا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مۆلچەرلەنگىنىدىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرىستالىنا جېئورجىيېۋا، «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ تېلېفوندا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە كۆرسىتىۋاتقان ۋە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ««نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىزنىڭ ئۈمىدسىز مۆلچەرىمىزدىنمۇ ناچار» دېدى.
« 6-ئايدا مۆلچەرىمىزنى يېڭىلايمىز، بىزنىڭ 2020-يىلدىكى مۆلچەرىمىز سەل ناچار بولىدۇ ». دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، « ئىيۇن ئېيىدا مۆلچەرىمىزنى يېڭىلاش ئېھتىمالىمىز كۈچلۈك. بىزنىڭ 2020- يىلىغا ئالاقىدار مۆلچەرىمىز تېخىمۇ ناچار بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ۋۇخەن ۋىرۇسى كىرىزىسنىڭ پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان جېئورجىيېۋا، سىجىل ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە قۇرۇلمىلىق ياخشىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.