تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توخىتىتىپ قويغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئىيۇن، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشى پىلانىنى ئېلان قىلدى.

1411793
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 20 – مايغىچە، چەت ئەلگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 28 – مايغىچە توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

دۆلەت ئىچىدىكى قاتنىشىنى ئىيۇن ئېيىدا باشلاشنى نىشان قىلىۋاتقان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، چەت ئەل سەپەرلىرىنى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

ئۈچ ئايلىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشى پىلانىغا قارىغاندا، ئىيۇن ئېيىدا 19 دۆلەتكە 22 نۇقتىدىن ھەپتىدە 75 ئايروپىلان سەپىرى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇ دائىرىدە كانادانىڭ تورونتو، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا، ئافغانىستاننىڭ كابۇل، ياپونىيەنىڭ توكيو، خىتاينىڭ شاڭخەي، جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئۇل، سىنگاپۇر، دانىيەنىڭ كوپېنھاگىن، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلۇ، گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت، بېرلىن، دۈسسېلدورف ۋە مىيۇنخېن، ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېننا، گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل، بېلورۇسىيەنىڭ مىنىسكى، گىرۇزىيەنىڭ تىفلىس، لىۋاننىڭ بېيرۇت، كۇۋەيت ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ شەھەرلىرىگە ئايروپىلان قاتنىشى باشلىنىدىكەن.

ئىيۇن ئېيىدا دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق نۇقتىلارغا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قاتنىشى، بىرىنچى قەدەمدە نورمالدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ %60 ىگە تەڭ كېلىدىغان شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا بولسا، نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرى سانىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. پىلانغا ئاساسەن، ئىيۇل ئېيىدا 74 دۆلەتتىكى 103 نۇقتىغا ھەپتىدە 572؛ ئاۋغۇست ئېيىدا بولسا، 98 دۆلەتتىكى 160 نۇقتىغا ھەپتىدە 937 ئايروپىلان قاتنايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر