ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ (Dmitriy Peskov) نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى- ئوپېك (OPEC) بىلەن نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېچىلماقچى بولغان يىغىننىڭ 2020-يىلى 9-ئاپرېلغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1392412
ئوپېك ۋە ئوپېك سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللرىغا جاۋاب بېرىپ، نېفىت بازارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازارلىرىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەر بىلەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «نېفىت بازىرىنى مۇقىملىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن كوردىناتسىيە مۇساپىسىدىن ئورۇن ئالمىغان دۆلەتلەرگە ئېھتىياجلىقمىز» دېدى.

ئۇ بۈگۈن (2020-يىلى 6-ئاپرېل) پىلان قىلىنغان ئوپېك يىغىنىنىڭ 9-ئاپرېلغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بۈگۈنكى يىغىن تېخنىكا سەۋەبلىك پەيشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى. يىغىن ئۈچۈن تەييارلىقلار قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ پىروگراممىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى ئوپېك بىلەن ئوپېكنىڭ سىرتىدىكى بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يىغىننىڭ بۈگۈن (2020-يىلى 6-ئاپرېل) ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر