تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 5 شەھەردىن باشقا بارلىق خەلئارالىق ئۇچۇشلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى  27- مارتتىن 17 – ئاپرېغىچە خوڭكوڭ، موسكۋا، ئەددىس ئابابا، نيۇ-يورك ۋە ۋاشىنگتوندىن باشقا بارلىق خەلقئارالىق ئۇچۇشلارنى توختاتتى.

1383335
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 5 شەھەردىن باشقا بارلىق خەلئارالىق ئۇچۇشلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش دېرىكتورى بىلال ئەكشى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، «بىز 27 - مارتتىن 17 – ئاپرېغىچە خوڭكوڭ، موسكۋا، ئەددىس ئابابا، نيۇ-يورك ۋە ۋاشىنگتوننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بارلىق خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىمىزنى ئۇچۇشتىن توختاتتۇق. يۈك ئايروپىلانىمىز ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دۆلەت ئىچى ئۇچۇشلىرىمىزمۇ ئازايغان ھالدا داۋاملىشىدۇ» دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر