ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئېندېكسى ئۆرلىدى

ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى فېۋرال ئېيىدا ئۆتكەن ئايغا سېلىشتۇرغاندا %0.5 ئېشىپ %97.5 گە يەتتى.

1367650
ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئېندېكسى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى فېۋرال ئېيىغا ئالاقىدار ئىقتىسادىي ئىشەنچ ئېندېكسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى؛ بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئېندېكس بۇ ئاي ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا %0.5 ئېشىپ، %97.1 دىن %97.5 گە يۈكسەلگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئىشەنچ ئېدېكسىدىكى ئېشىش ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ۋە مۇلازىمەت ساھەسى ئىشەنچ ئېندېكسىدىكى ئېشىشنى مەنبە قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر