ئېفىيوپىيە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ياردەمگە موھتاج

شەرقىي ئافرىقا دۆلىتى ئېفىيوپىيەدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن تەخمىنەن 7 مىليون كىشى جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە موھتاج.

1348175
ئېفىيوپىيە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ياردەمگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە 7 مىليون كىشى بىر مىليارد دوللارلىق جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەن. يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر