تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى مال-مۈلكى ئاشقان
ئاۋغۇست ئېيىدا تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى مال-مۈلكى 245.3 مىليارد دوللارغا يەتتى.
1290248
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكاسى 2019-يىلى ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا سېلىنما ئورنى رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى مال-مۈلكى، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا سېلىشتۇرغاندا %7.1 ئېشىپ 245.3 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئوخشاش مەزگىلدە، كاتېگورىيەلەر بويىچە تەتقىق قىلىنغاندا، زاپاس مال-مۈلۈكلەر 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا سېلىشتۇرغاندا %9.2 ئېشىپ 101.6 مىليارد دوللارغا، باشقا سېلىنمىلار %5.7 ئېشىپ 93.8 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.