ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئېكسپورت ھەجىمى ئاشتى

ئاۋغۇست ئېيىدا ئېكسپورت ھەجىمىنىڭ ئۆتكەن يىلى (2018) نىڭ ئاۋغۇست ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %1.6 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1278698
ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئېكسپورت ھەجىمى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TÜİK) بىلەن سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئاۋغۇست ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكا رەقەملىرى ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئېكسپورت ھەجىمى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرۇلغاندا %1.6 ئېشىپ، 12 مىليارد 523 مىليون دوللارغا يەتكەن. سودا قىزىل رەقىمى %8.7 تۆۋەنلەپ 2 مىليارد 406 مىليون دوللارغا چۈشكەن.

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋاردىن ئاۋغۇست ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %2.6 ئېشىپ، 111 مىليارد 358 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر