«نىشانىمىز 75 مىليون ساياھەتچىگە ساھىبخانىلىق قىلىش»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2023 – يىلىغا بارغاندا نىشاننىڭ 75 مىليون ساياھەتچىگە ساھىبخانىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «27 – سېنتەبىر دۇنيا ساياھەت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەت ئىشلىرى بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. نىشانىمىز 2023 – يىلىغا بارغاندا 75 مىليون ساياھەتچىگە ساھىبخانىلىق قىلىشتۇر.»
ئەردوغاننىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان «تۈركىيەنىڭ 2033 – يىللىق ساياھەت ئىستىراتېگىيەسى» تېمىلىق ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
2019 - يىللىق نىشان؛ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى يىراق شەرقتىن كېلىدىن ساياھەتچىلەر سانىنى 1.1 مىليونغا، ئوتتۇرا ياۋروپادىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنى 2.8 مىليونغا، ئامېرىكا قىتئەسىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنى 1.1 مىليونغا يەتكۈزۈشتۇر. 2023 – يىللىق نىشان بولسا يىراق شەرىقتىن 4 مىليون ساياھەتچىگە، ئوتتۇرا ياۋروپادىن 4.5 مىليون ساياھەتچىگە، ئامېرىكا قىتئەسىدىن 3 مىليون ساياھەتچىگە ساھىبخانىلىق قىلىشتۇر.
بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ 7 تۈرلۈك شەرتى تۆۋەندىكىچە:
1 – تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش،
2 – قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى مۇستەھكەملەش،
3 – ئادەم كۈچى باھلىقىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىش،
4 – ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ دائىرىلىك سەرخىللاشتۇرۇش،
5 – قۇنغالغۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش،
6 - رىقابەتلىشىش پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش،
7 – سىجىل مۇھىت ئاسراشنى سۆيۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش.