ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم قارارىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي بانكىسى –Fed، ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈمنى 25 پوئىنت تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1272170
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 1.75 بىلەن 2.00 ئارىسىغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈرۈش قارارىنىڭ 3 كە قارشى 7 ئاۋاز بىلەن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى، 31 – ئىيۇلدىمۇ ئاساسىي نۇقتا ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 پوئىنت تۆۋەنلىتىپ، 2.00 بىلەن 2.25 ئارىسىغا چۈشۈرۈشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر