ئەنقەرە ئايرودۇرۇمى مۇلازىمەتتە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا

ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمى ئۆتكەن بىر ئايدا 1 مىليون 235 مىڭ يولۇچىغا، ئالدىنقى 8 ئايدا بولسا، 9 مىليون 428 مىڭ يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلدى.

1266854
ئەنقەرە ئايرودۇرۇمى مۇلازىمەتتە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئايرودورۇملار باشقارمىسىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمى ئالدىنقى ئايدا، دۆلەت ئىچى ئۇچۇش لىنىيەسى بويىچە 952 مىڭ 647 يولۇچىغا ۋە چەت ئەللەرگە ئۇچۇش لىنىيەسى بويىچە 282 مىڭ 997 يولۇچىغا، جەمئىي 1 مىليون 235 مىڭ 644 يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلغان.

ئاۋغۇست ئېيىدا دۆلەت ئىچى ئۇچۇش لىنىيەسى بويىچە ئايروپىلان ئۇچۇش قېتىم سانى 6572 ۋە چەت ئەللەرگە ئۇچۇش لىنىيەسى بويىچە 2142 قېتىم بولۇپ، جەمئىي 8714 قېتىم بولغان.

ئايرودۇرۇم يەنە، ئاۋغۇست ئېيىدا جەمئىي 14 مىڭ 122 توننا يۈك توشىغان. 

بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا بولسا، مۇلازىمەت قىلىنغان يولۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 9 مىليون 428 مىڭ 782 بولغان.

بۇ 8 ئايلىق مەزگىلدە جەمئىي 82 مىڭ 416 توننا يۈك توشۇش ئىشقا ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر